خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران سىستان-بەلۇچىستان ئۆلكىسىدە ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە چېتىشلىق گۇرۇپپىنى پالەچ ھالغا چۈشۈردى
ئىران ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ بىر ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئالتە كىشىنىڭ بولسا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىران سىستان-بەلۇچىستان ئۆلكىسىدە ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە چېتىشلىق گۇرۇپپىنى پالەچ ھالغا چۈشۈردى
ئىران سىستان-بەلۇچىستان ئۆلكىسىدە ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە چېتىشلىق گۇرۇپپىنى پالەچ ھالغا چۈشۈردى

ئىران ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ جەنۇبىي شەرقىدىكى سىستان-بەلۇچىستان ئۆلكىسىدە ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە چېتىشلىقى بار دەپ قارالغان بىر گۇرۇپپىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرگەنلىكىنى، بۇ جەرياندا بىر كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ئالتە كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىراننىڭ جەنۇبىي شەرقىدىكى مەشغۇلاتلاردىن مەسئۇل بىر قوماندانلىق مەركىزى ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قۇرۇقلۇق قىسىملىرى قودۇس باش ئىشتابى، شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، گۇرۇپپىنىڭ ئىراننىڭ پاكىستان چېگراسىغا يېقىن سارافان رايونىغا كىرگەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئورتاق بىر مەشغۇلات بىلەن نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا مەشغۇلاتقا ئۆلكىلىك ئىستخبارات بۆلۈمى، ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئىستخبارات ئىدارىسى ۋە ئىران ساقچى تەشكىلاتى قاتناشقان.

ئارمىيە، گۇرۇپپىنىڭ بىر ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئالتە ئەزاسى ۋە قوللىغۇچىسىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، 20 بولاق پارتلاتقۇچ ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر بىلەن بىرگە كۆپ مىقداردىكى يېنىك ۋە يېرىم ئېغىر قوراللار، ئوق-دورا ۋە  Starlink  ئالاقە ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرىنى قولغا چۈشۈردى.

ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى، گۇرۇپپىنىڭ سىستان-بەلۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىدا ئالدىن بېكىتىلگەن نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنىڭدىن باشقا، گۇرۇپپىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارشى يۈرگۈزگەن ئۇرۇشىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە بىر يۈرۈش ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى، 28-فېۋرالدا دۆلەت مىقياسىدىكى ھەربىي، يادرو ۋە ئۇل ئەسلىھە مۇئەسسىسەلىرىنى نىشان قىلىش بىلەن باشلاندى. ئىران بولسا رايوندا مەۋجۇت بولغان ۋە ئىسرائىلىيەگە ھەمدە ئامېرىكىغا تەۋە ھەربىي مەركەزلەرگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلىپ جاۋاب قايتۇردى.

ئىران بىلەن ئامېرىكا، ئىيۇن ئېيىدا ھۇجۇملارنىڭ ئاخىرلاشتۇرلۇشىنى مەقسەت قىلغان كېلىشىم ئىمزالىدى، لېكىن كېيىنچە كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىختىلاپلار سەۋەبىدىن جىددىيچىلىكلەر قايتىدىن باش كۆتۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran war drains US military stockpiles, weakens global deterrence: Report
ئىزدىنىڭ
رۇسىيە ئەنگلىيەنىڭ ھەربىي بازىلىرىغا زەربە بېرىش بىلەن تەھدىت سالدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ: «ئىران گۇمران بولۇۋاتقان بىر دۆلەت»
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن قاتارلىق كەسپىيىدىشى تېھراندا رايونلۇق ئۆزگىرىشلەرنى مۇزارە قىلدى
رۇسىيە: ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە تەييارمىز
رۇسىيە رۇمىنىيەلىك دىپلوماتنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «SDG» نىڭ تارقىتىۋېتىلىشى مۇھىم ئىلگىرىلەش
رۇسىيە نېفىتى قازاقىستاندا پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ
كانادادا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە ياردەم بەرگەن ئاۋىئاتسىيە خادىملىرى قولغا ئېلىندى
ئامېرىكا مېكسىكاغا «قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە فېنتانىل» بىلەن كۈرەش قىلىش چاقىرىقى قىلدى
تۆت ئوخشىمىغان تۈرمىدىن قاچالىغان «تۈرمىدىن  قېچىش سېھرىگەرى» ئىسپانىيەدە قولغا چۈشتى
فىرانسىيەدە بىر شوپۇر ئاپتوموبىلىنى پىيادىلەرنىڭ ئۈستىگە ھەيدىدى
بلۇمبېرگ: رۇسىيە ئۇكرائىنادا تاكتىكىلىق يادرو قورالى ئىشلىتىشى مۇمكىن
WSJ: جون رەتكىلىف موسكۋادا رۇسىيەنى ناتوغا ھۇجۇم قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىسرائىلىيە يەنە بىر قېتىم لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
ئىراق: خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملار 30-سېنتەبىرگىچە تولۇق چېكىنىدۇ