خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ئارمىيە ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تىرانسپورت مەركەزلىرى ۋە پورتلىرىنى ئوققا تۇتتۇق»
روسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئۇكرائىنانىڭ ئارمىيەسى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تىرانسپورت مەركەزلىرى بىلەن پورتلىرىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ئارمىيە ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تىرانسپورت مەركەزلىرى ۋە پورتلىرىنى ئوققا تۇتتۇق»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ئارمىيە ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تىرانسپورت مەركەزلىرى ۋە پورتلىرىنى ئوققا تۇتتۇق»

روسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، روسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇكرائىندىكى پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ھەمبەھىرلەندى.

باياناتتا، روسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىناغا كېچىدە ھۇجۇم قىلىپ، پايتەخت كىيېۋ ۋە كىيېۋ رايونىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپچاسلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان «Fim Servis» تىرانسپورت مەركىزىدىن باشقا يەنە، غەرب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ھەربىي يۈكلەرنى تارقىتىدىغان تاموژنا تېرمىنالى جايلاشقان تىرانسپورت مەركىزىنىڭ ۋە Fire Point شىركىتىگە تەۋە ئوق-دورا ئامبىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىزمائىل پورتىدىكى يېقىلغۇ تانكېرلىرنى چۈشۈرۈش رايونلىرى، نىكولايېۋ پورتىدىكى يۆتكەش تېرمىنالى،تىرانسپورت مەركەزلىرى، ھەربىي ۋە يېقىلغۇ ئامبارلىرىنىڭمۇ نىشانغا ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ھۇجۇمنىڭ ھاۋادىن يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار  بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.  

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە ئەنگلىيەنىڭ ھەربىي بازىلىرىغا زەربە بېرىش بىلەن تەھدىت سالدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ: «ئىران گۇمران بولۇۋاتقان بىر دۆلەت»
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن قاتارلىق كەسپىيىدىشى تېھراندا رايونلۇق ئۆزگىرىشلەرنى مۇزارە قىلدى
رۇسىيە: ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە تەييارمىز
رۇسىيە رۇمىنىيەلىك دىپلوماتنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «SDG» نىڭ تارقىتىۋېتىلىشى مۇھىم ئىلگىرىلەش
رۇسىيە نېفىتى قازاقىستاندا پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ
كانادادا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە ياردەم بەرگەن ئاۋىئاتسىيە خادىملىرى قولغا ئېلىندى
ئامېرىكا مېكسىكاغا «قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە فېنتانىل» بىلەن كۈرەش قىلىش چاقىرىقى قىلدى
تۆت ئوخشىمىغان تۈرمىدىن قاچالىغان «تۈرمىدىن  قېچىش سېھرىگەرى» ئىسپانىيەدە قولغا چۈشتى
فىرانسىيەدە بىر شوپۇر ئاپتوموبىلىنى پىيادىلەرنىڭ ئۈستىگە ھەيدىدى
بلۇمبېرگ: رۇسىيە ئۇكرائىنادا تاكتىكىلىق يادرو قورالى ئىشلىتىشى مۇمكىن
WSJ: جون رەتكىلىف موسكۋادا رۇسىيەنى ناتوغا ھۇجۇم قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىسرائىلىيە يەنە بىر قېتىم لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
ئىراق: خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملار 30-سېنتەبىرگىچە تولۇق چېكىنىدۇ