خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنا روسىيەنىڭ روستوۋ رايونىغا كەڭ كۆلەملىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قىلدى
ھۇجۇمدا چۈشكەن خارابە پارچىلىرى ئولتۇراق بىناسىغا زىيان يەتكۈزدى ۋە ئورمان ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. رايون ئاھالىسى ۋاقىتلىق پاناھجايلارغا يۆتكەلدى.
ئۇكرائىنا روسىيەنىڭ روستوۋ رايونىغا كەڭ كۆلەملىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قىلدى
ئۇكرائىنا روسىيەنىڭ روستوۋ رايونىغا كەڭ كۆلەملىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قىلدى

روسىيەلىك بىر ئەمەلدار شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنانىڭ روسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى روستوۋ رايونىغ ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە ئولتۇراق ئاھالىنىڭ كۆچۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋالىي يۇرىي سليۇسار تېلېگرام (Telegram) دا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «دۈشمەننىڭ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمى نەتىجىسىدە يەتتە كىشى يارىلاندى» دېدى. ۋالىي تۆت نەپەر يارىدارنىڭ روستوۋ-نا-دونۇدىكى دوختۇرخانىلارغا يۆتكەنگەنلىكىنى ۋە كېچە سائەتلىرىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن كېيىن بىر كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پرولېتارسكىي ناھىيەسىدە، بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان پارچىلىرىدىن چۈشكەن قالدۇقلار ئىككى ئولتۇراق بىناغا زىيان يەتكۈزدى. جىددىي ھەلەت ئەترەتلىرى،  ئاھالىلەرنى ۋاقىتلىق پاناھجايغا يۆتكىدى.

ئاقسايسكىي رايونىدا بولسا مەسئۇللار بىر ئامباردا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان پارچىلىرىنى تاپقانلىقىنى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئورمانغا ئوت كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باگايېۋسكىي رايونىدا ئالاھىدە ئولتۇراق ئۆيلەر زىيانغا ئۇچرىدى، لېكىن جېنىدىن ئايرىلىش ۋەقەسى كۆرۈلمىدى.

ۋالىي سليۇسار، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تەھدىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، رايون ئاھالىسىگە ئۆيلىرىدە قېلىشنى ۋە دېرىزىلەردىن يىراق تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى.

ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى، ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك تېخىچە بىر بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە ئەنگلىيەنىڭ ھەربىي بازىلىرىغا زەربە بېرىش بىلەن تەھدىت سالدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ: «ئىران گۇمران بولۇۋاتقان بىر دۆلەت»
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن قاتارلىق كەسپىيىدىشى تېھراندا رايونلۇق ئۆزگىرىشلەرنى مۇزارە قىلدى
رۇسىيە: ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە تەييارمىز
رۇسىيە رۇمىنىيەلىك دىپلوماتنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «SDG» نىڭ تارقىتىۋېتىلىشى مۇھىم ئىلگىرىلەش
رۇسىيە نېفىتى قازاقىستاندا پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ
كانادادا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە ياردەم بەرگەن ئاۋىئاتسىيە خادىملىرى قولغا ئېلىندى
ئامېرىكا مېكسىكاغا «قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە فېنتانىل» بىلەن كۈرەش قىلىش چاقىرىقى قىلدى
تۆت ئوخشىمىغان تۈرمىدىن قاچالىغان «تۈرمىدىن  قېچىش سېھرىگەرى» ئىسپانىيەدە قولغا چۈشتى
فىرانسىيەدە بىر شوپۇر ئاپتوموبىلىنى پىيادىلەرنىڭ ئۈستىگە ھەيدىدى
بلۇمبېرگ: رۇسىيە ئۇكرائىنادا تاكتىكىلىق يادرو قورالى ئىشلىتىشى مۇمكىن
WSJ: جون رەتكىلىف موسكۋادا رۇسىيەنى ناتوغا ھۇجۇم قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىسرائىلىيە يەنە بىر قېتىم لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
ئىراق: خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملار 30-سېنتەبىرگىچە تولۇق چېكىنىدۇ