تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزى تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى. سۆھبەت جەريانىدا تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەر، شۇنداقلا رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىندى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ تىنچلىق ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تۆھپىلەرنى قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تەۋسىيە






















