تۈركىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى خاقان فىدان، مەككە مۇداپىئە ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سىياسىي ۋە مۇداپىئە كومىتېتى يىغىنىدىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ۋە پاكىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئىسھاق دار بىلەن بىرگە قىرغىزىستانغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ئۇقتۇردى. خاقان فىدان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىستانبۇلدا باشلانغان مەسلىھەتلىشىشلىرىمىزنى بىشكەك يولىدىمۇ داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى. مىنىستىر خاقان فىدان بىلەن ياشار گۈلەر بىشكەكتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ھەمراھ بولىدۇ.
تەۋسىيە


























