تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدىر ئابدۇلاتى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فەيسەل بىن فەرھان بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە غەززە تىنچلىق پىلانى، سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ھورمۇز بوغۇزى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
مىنىستىر خاقان فىدان ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى NSosyal سەھىپىسىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.
خاقان فىدان رايوندىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە مۇناسىۋەتلىك دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە مىسىرلىق كەسپىدىشى ئابدۇلاتى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق كەسپىدىشى فەيسەل بىن فەرھان بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «سۆھبەتلىرىمىزدە، غەززە تىنچلىق پىلانىنى يولغا قويۇشتا كۆرۈلگەن كاشىلالارنى ۋە تاشلىشىمىز مۇمكىن بولغان قەدەملەرنى كۆزدىن كەدۇردۇق» دېدى.
خاقان فىدان سۆھبەتتە سۈرىيەدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، سۈرىيەدە تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشقا بولغان كۈچلۈك قوللاشلىرىنى تەكرار تەكىتلىگەنلىكلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
سۆھبەتتە يەنە ھورمۇز بوغۇزىدىكى ۋەزىيەت ۋە توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى مۇزاكىرە قىلىندى. خاقان فىدان بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«رايونىمىزدا تىنچلىق ۋە پاراۋانلىقنى خالايدىغان ئۈچ قېرىنداش دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىمىزنى ۋە ماسلىشىشىمىزنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز.»




















