سۈرىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە تەۋە 10 بىرونېۋىكتىن تەشكىل تاپقان بىر ھەربىي قىسىم سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دىرئە ۋىلايىتىنىڭ جەملە يېزىسىغا بېسىپ كىرىپ ئورۇنلاشتى. ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى يەنە شۇ كۈنى مارىيە يېزىسىدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنى ئاپتوماتلار بىلەن نىشان قىلدى. سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ خىل تەكرارلانغان دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2024-يىلى دېكابىردىن بۇيان، سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا 10 ھەربىي بازا ۋە تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرغان بولۇپ، جەمئىي مىڭدىن ئارتۇق ھاۋا ھۇجۇمى ۋە 400 ئەتراپىدا قۇرۇقلۇق بېسىپ كىرىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان.
تەۋسىيە




















