كازىم ئالام - TRT World
نويابىر ئېيىدا ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 31- نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسىگە تەرەپ دۆلەتلەر - «COP31» باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان يېڭى بىر ئىلمىي تەتقىقات، خەلقئارا كىلىمات قانۇنىدا ئۇزۇندىن بۇيان سەل قارىلىپ كەلگەن مۇھىم بىر مەنبەگە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا، ئۇ بولسىمۇ — ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىدۇر. «كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى» (Cambridge University Press) تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «كامبرىج ئىسلام ۋە كىلىمات قانۇنى قوللانمىسى»دا، 14 ئەسىرلىك ئىسلام قانۇن تەپەككۇرىنىڭ كىلىماتنى قوغداش، تەبىئىي بايلىقلارنى باشقۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەنى ئىدارە قىلىش ساھەلىرىگە قوشقان تۆھپىلىرى تەھلىل قىلىنغان.
****
كىتابنىڭ يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى، باررى ئۇنىۋېرسىتېتى (Barry University) نىڭ قانۇن پىروفېسسورى نادىيە بىنت ئەھمەد (Nadia B. Ahmad) نىڭ قارىشىچە، ئىسلام قانۇنى پەقەت تارىخىي ياكى مەدەنىيەت مىراسىلا بولماستىن، بەلكى بۈگۈنكى كۈندىكى كىلىمات كىرىزىسىغا قارىتا ئەمەلىيەتتە قوللانغىلى بولىدىغان ھەل قىلىش چارىلىرىنى سۇنالايدىغان باي بىر قانۇن ئەنئەنىسىدۇر. نادىيە بىنت ئەھمەد خەلقئارا كىلىمات قانۇنىنىڭ زور دەرىجىدە غەربىي ياۋروپانى مەركەز قىلغان چۈشەنچە ئاساسىدا شەكىللەنگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ئىسلام قانۇنىغا ئوخشاش باشقا تاللاش بولالايدىغان ئەنئەنەلەرنىڭ چەتكە قېقىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ قوللانمىنىڭ مەقسىتىمۇ ئەنە شۇ چەتكە قېقىلىشنى ئاشكارىلاپ، ئىسلام قانۇنىنىڭ كىلىماتنى ئىدارە قىلىشقا قوشىدىغان تۆھپىلىرىنى نامايان قىلىشتۇر.
نادىيە بىنت ئەھمەدنىڭ قارىشىچە، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئەڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان جەمئىيەتلەر كۆپىنچە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەردۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق، بۇ جەمئىيەتلەر كىرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پارنىك گازى قويۇپ بېرىش مىقدارىدا ئەڭ ئاز ئۈلۈشكە ئىگە توپلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. شۇڭلاشقا، كىلىمات مەسىلىسى پەقەت كىلىمات مەسىلىسىلا بولماستىن، بىر ئادالەت مەسىلىسىدۇر.
ئىسلام قانۇنى سۇنغان بىر قىسىم ئاساسىي پىرىنسىپلار بۈگۈنكى كىلىمات سىياسەتلىرى نۇقتىسىدىن دىققەتكە سازاۋەردۇر. بۇلارنىڭ بىرى، ئىنساننىڭ يەر يۈزىدىكى مەسئۇلىيەتچان قوغدىغۇچى ئىكەنلىكى قارىشىغا ئاساسلانغان «خەلىپىلىك» (ۋارىسىلىق) چۈشەنچىسىدۇر. يەنە بىرى بولسا، ئورتاق تەبىئىي بايلىقلارنى جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قوغداشنى مەقسەت قىلغان «ھىما» سىستېمىسىدۇر؛ بۇ سىستېما قوغداش، چەكلەش ۋە مەنئى قىلىش دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن قوغدىلىدىغان جاي، دەخلى-تەرۇز قىلىنمايدىغان رايون ياكى ئالاھىدە ئوتلاقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سۇ بايلىقلىرىنى ئادىل تەقسىم قىلىشنى ئاساس قىلغان قانۇنىي بەلگىلىمىلەر ۋە پاكىستاندا كىلىماتقا-مۇھىتقا يەتكۈزۈلگەن زىيانلارنى ئىنسان قەدىر-قىممىتىگە تاجاۋۇز قىلىش دەپ باھالىغان ئاساسىي قانۇنلۇق دەۋالارمۇ، بۇ ئەنئەنىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى جانلىق مىساللىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئەسلىدە، بۇ ئىدارە قىلىش قوراللىرى زور دەرىجىدە غەرب تىللىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسلىق كىلىمات قانۇن-قائىدىلىرىنىڭ سىرتىدا قېلىپ قالغان ئىدى.
نادىيە بىنت ئەھمەد تۈركىيەنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا «COP31» گە ساھىبخانلىق قىلىشىنىڭ، بۇ بوشلۇقنى «تۇنجى قېتىم سىياسىي جەھەتتىن چۈشىنىشلىك» ھالەتكە كەلتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
****
كىتابتا ئالاھىدە قىلىپ مىلىتارىزمنىڭ كىلىماتقا - مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە كەڭ ئورۇن بېرىلگەن. نادىيە بىنت ئەھمەد يازغان بىر بۆلۈمدە، ئۇرۇشلار كەلتۈرۈپ چىقارغان پارنىك گازى قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ خەلقئارا كىلىمات سۆھبەتلىرىدە زور دەرىجىدە نەزەردىن ساقىت قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ھەربىي ھەرىكەتلەردىن كېلىپ چىققان پارنىك گازى قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق كىلىمات كېلىشىملىرىدە دوكلات قىلىش مەجبۇرىيىتىدىن مۇستەسنا قىلىنىشىدۇر.
نادىيە بىنت ئەھمەدنىڭ قارىشىچە، ئۇرۇشلار پەقەت ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمىنىلا كەلتۈرۈپ چىقارماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇ سىستېمىلىرىنى، تېرىقچىلىق يەرلىرىنى ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كىلىمات ئۇل ئەسلىھەلىرىنىمۇ ۋەيران قىلىدۇ. ئۇ: «ئىراق، غەززە ۋە ئافغانىستاندا ئۆزلىرى تاللىمىغان، ئۆزلىرى سەۋەبچى بولمىغان ۋە ئون نەچچە يىللاپ داۋاملاشقان ھەربىي ھەرىكەتلەر تۈپەيلىدىن كىلىماتى - مۇھىتى ۋەيران قىلىنغان مۇسۇلمانلار ياشايدۇ» دەيدۇ. بۇ دۆلەتلەر مەزكۇر ئەھۋالنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك مىساللىرىنىڭ بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.
ئىراقتا ئۇزۇن يىللار بويىچە داۋاملاشقان ئۇرۇشلار، يېقىن شەرقنىڭ ئەڭ چوڭ سازلىق رايونلىرىدىن بىرى بولغان مېسوپوتامىيە سازلىقلىرىنىڭ زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. غەززەگە بولسا 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە كەم دېگەندە ئالتە دانە «خىروشىما كۆلىمىدىكى» ئاتوم بومبىسىغا تەڭ كېلىدىغان يۈزلەرچە توننا پارتلاتقۇچ تاشلىدى. توختىماي ئېلىپ بېرىلغان بومباردىمانلار كېرەكسىز سۇ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى، قۇياش ئېنېرگىيەسى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ۋە تېرىلغۇ يەلەرنى ۋەيران قىلىپ، كىتابتىكى مەزكۇر بۆلۈمدە «سۈنئىي ئېكولوگىيەلىك ئاپەت رايونى» دەپ تەرىپلەنگەن ئەھۋالنى ياراتتى. ئافغانىستاندا بولسا، تاشلىۋېتىلگەن ھەربىي لازىمەتلىكلەرنىڭ مۇھىتنى بۇلغىغانلىقى، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى دەرەخلەرنىڭ كېسىلىشىنىڭمۇ سۇ ئاپىتى ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈش خەۋپىنى ئاشۇرغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. نادىيە بىنت ئەھمەد بۇ ئاقىۋەتلەرنىڭ تاسادىپىي ئەمەس، بەلكى ئۇرۇشنىڭ تۈزۈلمىلىك تەسىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ئىسلامنىڭ كىلىماتنى قوغداش، مۇھىتنى ئاسراش ئەخلاقى كىلىماتنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنى بىخەتەرلىك سىياسەتلىرىنىڭ مۇقەررەر بەدىلى سۈپىتىدە قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ قاراش ئۈچ ئاساسىي پىرىنسىپقا تايىنىدۇ: «خەلىپىلىك» (خىلافەت)، يەنى ئىنساننىڭ يەر يۈزى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى؛ «مىزان» (تەڭپۇڭلۇق، مۇۋازىنەت)، يەنى ئىلاھىي تۈزۈمنىڭ قوغدىلىشى ۋە «ئادالەت»، يەنى كىلىمات ۋە مۇھىت يۈكىنىڭ مەلۇم بىر توپلارنىڭلا ئۈستىگە يۈكلەنمەسلىكىدۇر. نادىيە بىنت ئەھمەدنىڭ پىكىرىچە، زامانىۋى ئۇرۇش شەكىللىرى بۇ ئۈچ پىرىنسىپقا بىرلا ۋاقىتتا خىلاپلىق قىلماقتا.
شۇڭلاشقا قورالسىزلىنىشقا، ئىسلامنىڭ كىلىماتنى قوغداش، مۇھىتنى ئاسراش پىرىنسىپىدىن ئايرىم بىر تېما سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى كىلىمات - مۇھىت ئادالىتىنىڭ تەبىئىي داۋامى سۈپىتىدە قاراش تەلەپ قىلىنىدۇ. نادىيە بىنت ئەھمەد پارىژ كىلىمات كېلىشىمىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىدە پارنىك گازى قويۇپ بېرىشلەرگە قارىتىلغان مۇستەسنا ئورۇنلارنىڭ، چوڭ ھەربىي كۈچلەرنىڭ تەلىپى بويىچە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، ئەمما ئىسلام قانۇنىنىڭ كىلىمات - مۇھىتقا ئېغىر زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان ھەمدە جاۋابكارلىقتىن مۇستەسنا قىلىنىدىغان ھېچقانداق ئىنسانىي پائالىيەتنى قانۇنىي دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
****
344 بەتلىك بۇ كىتابتا يەنە «ھىما» قوغداش سىستېمىسىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، ھەنەفىي يەر-مۈلۈك قانۇنى (ئىسلام قانۇنىدىكى يەر تۈزۈمىنىڭ ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ ئىجتىھادلىرىغا ئاساسەن شەكىللەنگەن ھالىتى) نىڭ يېزا نوپۇسىنىڭ شەھەرلەرگە كۆچۈش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا قوشىدىغان تۆھپىلىرى، شۇنداقلا قىرغاق ۋە دېڭىز مۇھىتىغا مۇناسىۋەتلىك كىلاسسىك ئىسلام قانۇنى بەلگىلىمىلىرىمۇ مۇھاكىمە قىلىنغان. پاكىستاندىكى ئاساسىي قانۇنلۇق دەۋالار بولسا، ئىسلامدىكى ئىنسان قەدىر-قىممىتى چۈشەنچىسىنىڭ كىلىمات – مۇھىتنى قوغداش ھوقۇقىغا قانداق ئايلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۈگۈنكى كۈندىكى جانلىق مىساللار سۈپىتىدە تەھلىل قىلىنغان.
ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ ئەسەر ئىسلامنىڭ كىلىماتنى قوغداش قانۇنىنىڭ پەقەت تارىخىي بىر تەپەككۇر سىستېمىسىلا ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئوخشىمىغان دەۋر ۋە رايونلاردا قوللىنىلغان، سىناقتىن ئۆتكەن ۋە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتقان ئەمەلىي قائىدە ۋە قوراللارنى سۇنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
نادىيە بىنت ئەھمەدنىڭ پىكىرىچە، ئانتاليادا بىر يەرگە جەم بولىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرى دۇچ كېلىدىغان ئاساسلىق سوئال شۇكى: خەلقئارالىق ئاپپاراتلار ئىسلام ئەنئەنىسىگە بۇنىڭدىن كېيىن پەقەتلا بىر «مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى» سۈپىتىدە قارامدۇ ياكى ئۇنى كىلىمات كىرىزىسىغا ھەل قىلىش چارىسى تېپىپ چىقالايدىغان سالماقلىق بىر قانۇن مەنبەسى سۈپىتىدە باھالامدۇ؟
نادىيە بىنت ئەھمەد سۆزىنى يەكۈنلەپ: «ئانتاليادا جەم بولغان دۆلەتلەر، ئەمەلىيەتتە دەل مۇشۇ كېلىشىملەرگە ‹مۇستەسنا قىلىنىش› بەلگىلىمىسىنى يازدۇرغان كۈچلۈك دۆلەتلەر قوزغىغان توقۇنۇشلار كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ بەدىلىنى تۆلىمەكتە» دەيدۇ.















