ئوچېرىك
5 مىنۇت ئوقۇش
11-سېنتەبىرنى كۆرمىگەن، ئەمما ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى بىلەن چوڭ بولغان يېڭى ئەۋلادلار
11-سېنتەبىردىن كېيىن دۇنياغا كەلگەن يېڭى بىر ئەۋلاد 11-سېنتەبىرنى پەقەت ئاڭلىغانلىرى، مەكتەپ دەرسلىكلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتلاردىن ئۆگەندى؛ ئۇرۇشلار، قورقۇنچلار ۋە جاۋابسىز قالغان سوئاللار بولسا ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى.
11-سېنتەبىرنى كۆرمىگەن، ئەمما ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى بىلەن چوڭ بولغان يېڭى ئەۋلادلار
11-سېنتەبىردە (2001) بۇلاپ قېچىلغان بىرلەشمە ئاۋىياتسىيە 175-نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ دۇنيا سودا مەركىزىگە سوقۇلغان كۆرۈنۈشى. (ئا پ ئارخىپ سۈرىتى) / AP Archive

ۋاشىنگتون — ئېمىلى كارتېر (Emily Carter) 2001-يىلى 11-سېنتەبىر ئىككى ئايروپىلان دۇنيا سودا مەركىزىگە سوقۇلۇشتىن توققۇز كۈن بۇرۇن دۇنياغا كەلگەن. ئاپىسى بىر قېتىم بالىلارغا قەيەردە تۇغۇلغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەندە، ئارىلىقتا بۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئۇزۇن يىللارغىچە بۇنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىردىنبىر مەنىسى، تارىخىي كۈنلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىر تاسادىپىيلىق ئىدى.

يېقىندا 25 ياشقا كىرگەن كارلېر ت ر ت ۋورلد (TRT World) قانىلىغا مۇنداق دېدى: «مەن ئاشۇ ۋەقەدىن سەل بۇرۇن تۇغۇلغانلىقىمنى بىلەتتىم. ئەمما، بۇنىڭ نېمە مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئانچە بىلمەيتتىم. پەقەت ھەر يىلى تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتە سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم.»

11-سېنتەبىر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاساسەن مۇشۇنداق: بۇ ئۇنىڭ ئۆز ئەسلىمىسى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىلگەن ھېكايە. ئارقىدىن 25 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ ئارىلىق ئەمدىلىكتە بىر پۈتۈن ئەۋلادنى بەلگىلەيدۇ.

بۇ ئەۋلاد، ئۆزى گۇۋاھ بولمىغان ئۇرۇشلارنى، ئايرودۇرۇملاردىكى ئۇزۇن تەكشۈرۈش ئۆچرەتلىرىنى ۋە ئۆزى كۆرۈپ باقمىغان بىر توقۇنۇشنىڭ تىلىنى مىراس ئالدى. بۇ ئەۋلادتىكى پەرقلەرنىڭ چوڭلۇقىنى ئەمدىلىكتە سانلار بىلەن ئۆلچەشكە بولىدۇ.

 پېيۇ (Pew)  تەتقىقات مەركىزىنىڭ 2026-يىلى ئاۋغۇست ئاخىرىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ئامېرىكادىكى ھەر 10 يېتىشكەن ئادەمنىڭ بىرى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇپ، ئاشۇ ئاپەت خاراكتېرلىك ئەتىگەنلىك ۋەقەنى پەقەت باشقىلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشى بىلەنلا ئۆگەنگەن.

18-24 ياش ئارىلىقىدىكى ئامېرىكالىقلارنىڭ 10 دىن 6 سى 11-سېنتەبىرنى تۇنجى قېتىم داستىخاندا ياكى تېلېۋىزور ئالدىدا ئەمەس، بەلكى سىنىپتا ئۆگەنگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، پەقەت 2001-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا دۆلەتتە 4 مىليون 25 مىڭ 933 بالا دۇنياغا كەلگەن. شۇنداق بولۇپ، بىر پۈتۈن ئەۋلاد 11-سېنتەبىر ئەتىگەنلىك ۋەقەدىن كېيىن قايتىدىن شەكىللەنگەن بىر دۆلەتتە چوڭ بولدى.

بىر ئەتىگەن، تۆت خىل بالىلىق

فەرىد ئەخمەت كارتېر (Carter) نىيۇ جېرسىيدە تۇغۇلغان يىلى كابۇلدا دۇنياغا كەلدى. ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن دادىسى ئۇنىڭغا ئامېرىكادا بىر ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. ئاندىن يەنە بىر نەرسىنى ئېيتتى. 25 ياشلىق ئەخمەت: «دادام ئامېرىكانىڭ ئافغانىستانغا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى» دېدى.

ئەخمەت ۋەقەنىڭ ئۆزى بىلەن ئەمەس، ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى بىلەن چوڭ بولدى. چارەك ئەسىردىن كېيىن بولسىمۇ، ئۇ بۇ ھېكايىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ.

ئۇ: «كىشىلەر ئاخىرلاشتى دەيدۇ، ئەمما بىلمەيمەن. ھەممە ئادەم بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىرەرسىنى تونۇيدۇ» دېدى.

كارتېر بولسا ئوخشاش ئىبارىنى كۆپ يىللاردىن كېيىن ئېكران ئارقىلىق، ۋاسىتىلىك ھالدا ئۆگەندى.

«مېنىڭ ئۈچۈن بۇ پەقەت ئامېرىكانىڭ 11-سېنتەبىردىن كېيىن قىلغان ئىشى ئىدى. بۇ گەپنىڭ ئەمەلىيەتتە نېمە مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ھەرگىز ئويلاپ باقمىغان ئىدىم» دېدى.

ئەخمەتنىڭ دۆلىتى دېموگرافىيە جەھەتتىن كارتېرنىڭ دۆلىتىدىن كۆپ ياش.

تەخمىنەن 38 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئافغانىستاندا ئوتتۇرىچە ياش تەخمىنەن 19 ياش ئەتراپىدا. ب د ت نوپۇس فوندىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئافغانىستانلىقلارنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككىسى 25 ياشتىن تۆۋەن. باشقىچە ئېيتقاندا، دۆلەت نوپۇسىنىڭ نېرى-بېرىسىنىڭ ھەممىسى 11-سېنتەبىردىن كېيىن باشلانغان ئۇرۇشنىڭ ئىچىدە تۇغۇلدى ۋە چوڭ بولدى. بۇ ئەھۋال تارىخلا ئەمەس، دېموگرافىيەنىڭمۇ بىر رېئاللىقىدۇر.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - 25 years after 9/11, Americans see 'domestic terrorism' as bigger threat than foreign attacks

ئۇلارنىڭ پىشىنى قويۇپ بەرمەيدىغان سوئاللار

ئاسىنا راخمان 2001-يىلى 11-سېنتەبىردە تېخى ئالتە ئايلىق ئىدى ۋە چىكاگودا ئەسلى پاكىستان ئامېرىكالىق بىر ئائىلىنىڭ قىزى ئىدى. دادىسى باشقىلارنىڭ قىزىغا تېڭىشى مۇمكىن بولغان بىر پىكىرگە قارىتا، قىزىنى كىچىك ۋاقتىدىلا يېتىشتۈرۈشكە تىرىشتى.

24 ياشلىق ئاسىنا راخمان ت ر ت ۋورلد قانىلىغا: «دادام ماڭا، <ئۇلار بۇنى دىندار بولغانلىقى ئۈچۈن قىلمىدى> دەيتتى. دادام مېنىڭ بۇنى چۈشىنىشىمنى خالايتتى» دېدى.

ئۇ بۇ ئەسكەرتىشكە ھاياتىدا بىر نەچچە قېتىم ئېھتىياجى چۈشكەنلىكىنى سەزدى.

بىر قېتىم بىر كىشى كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن بىرەر تېررورچىنى تونۇيدىغان-تونۇمايدىغانلىقىنى سورىغاندا: «مەنمۇ كۈلدۈم. نېمىشقا كۈلگەنلىكىمنى بىلمەيمەن، ئەمما بىئارام بولغان ئىدىم» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.

11-سېنتەبىر ھۇجۇملىرىدىن بەش يىل كېيىن مىچىگاندا تۇغۇلغان 20 ياشلىق ئۆمەر ھەسەن

ئۆمەر ھەسەنمۇ ئوخشاش بىر سوئالغا دۇچ كەلدى.

ئۇ: «بىرى ماڭا بىر قېتىم 11-سېنتەبىر ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىمنى سورىدى. مەنمۇ <ئۇ چاغدا تېخى تۇغۇلمىغان ئىدىم> دېدىم. باشقا نېمە دەيدىغانلىقىمنى ھەقىقەتەن بىلمەيتتىم» دېدى.

كارتېردىن بولسا بۇنداق سوئاللار سورالمىدى. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى ياخشى بىلىدۇ.

ئۇ: «مېنىڭچە مېنىڭ ئەھۋالىم بۇ جەھەتتە باشقىچە» دېدى.

ئاسىنا راخمان ۋە ئۆمەر ھەسەن، پېيۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ 2017-يىلى 3 مىليون 450 مىڭ دەپ مۆلچەرلىگەن ئامېرىكادىكى مۇسۇلمان نوپۇسىنىڭ بىر قىسمى. بۇ رەقەم دۆلەت نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %1 گە توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ياش كۆرسەتكۈچى ئومۇمىي نوپۇستىن تۆۋەن.

بىر كىچىك بالىغا قانداق سۆزلەپ بېرىلىدۇ؟

يۇقىرىدا زىيارەت قىلىنغان تۆت ياشتىن 11-سېنتەبىرنى بىر بالىغا قانداق سۆزلەپ بېرىدىغانلىقى سورالغاندا، گەرچە ھەممىسى ئوخشاش بىر ۋەقەنى چۆرىدىسىمۇ، بەرگەن جاۋابلىرى ئۆزئارا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.

كارتېر گەپنى ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا باشلىدى، ئەمما ئارقىدىن تېخىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن سۆزلىدى.

ئۇ: «بەزى تېررورچىلار ئايروپىلانلارنى بىناغا سوقۇلدۇردى ۋە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى. قالغانلىرىنىمۇ مۇمكىن بولسا چۈشەندۈرۈشۈم كېرەك ئىدى، ئەمما بۇ بىر بالا ئۈچۈن بەك ئېغىر» دېدى.

ئەخمەت بولسا، چوقۇم قوشۇش كېرەك دەپ قارايدىغان بىر نۇقتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «بەزى ئادەملەرنىڭ ئامېرىكاغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئاندىن ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشقا كىرگەنلىكىنى ئېيتاتتىم» دېدى.

ئاسىنا راخمان بولسا، دادىسىنىڭ يىللار بۇرۇن ئۆزىگە بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

ئۇ: «نېمە بولغانلىقىنى سۆزلەپ بېرەتتىم. ئايروپىلانلار، بىنا، ئۆلگەن ئادەملەر... يەنە بىرى، ئومۇمەن دىننىڭ بۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئېيتاتتىم. بۇنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئويلايمەن» دەيدۇ.

ئۆمەر ھەسەننىڭ جاۋابى بولسا بىر-بىرىنى ھەرگىز تونۇمىغان بولسىمۇ، ئاسىنا راخماننىڭ سۆزلىرىگە بەكمۇ يېقىن.

ئۇ: «تېررورچىلارنىڭ ئامېرىكاغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتاتتىم. يەنە بىرى، بۇنى ھەممە مۇسۇلمانلارنىڭ قىلمىغانلىقىنى چۈشەندۈرەتتىم. بۇنى قىلغانلار بەزى ناچار ئادەملەر ئىدى» دەيدۇ.

مۇقىم ئورنى بولمىغان بىر مىراس

 ت ر ت ۋورلدنىڭ 11-سېنتەبىر ھۇجۇملىرىنىڭ 25 يىللىقىدىن بۇرۇنقى ھەپتىلەردە زىيارەت قىلغان تۆت ياشنىڭ ھېچقايسىسى، ھاياتىنى شەكىللەندۈرىدىغان شۇ كۈننى ئەستە ساقلايدىغان ياشتا ئەمەس ئىدى.

ئۇلارنىڭ قولىدا بۇنىڭ ئورنىغا باشقىلاردىن كۆرگەن سۈرەت-سىنلار، ئائىلىسىدىن ئاڭلىغان ئاگاھلاندۇرۇشلار، تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى ۋە ئۇرۇشنىڭ قايسى تەرىپىدە ياشىغانلىقىغا قاراپ ئوخشىمىغان مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان بىر سۆزلەر قالدى.

كارتېر ئۈچۈن 11-سېنتەبىر، ھەر سېنتەبىر ئېيىدا قايتىدىن چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدىغان دەرىجىدە ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن تارىخ تېمىسى.

ئەخمەت ئۈچۈن ئافغانىستان بىلەن، يەنى ئۆز دۆلىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېكايە.

ئاسىنا راخمان ۋە ئۆمەر ھەسەن ئۈچۈن بولسا، ئامېرىكادا چوڭ بولۇش ۋە چۈشەنمەيدىغان دەرىجىدە كىچىك بولغان بىر ۋەقە ئۈچۈن ھېساب بېرىشكە مەجبۇرلىنىش بىلەن ئىچ-ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن ۋەقە.

ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئىككى مۇنار تۆت ياش ئۈچۈن پەقەت بىرلا سۈرەت. ئاسىنا راخمان: «شۇ كۈننى ئەستە ساقلىمايمەن. مېنىڭچە مېنىڭ ئەۋلادىم ئاساسەن نېمە بولغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىپ چوڭ بولدى. ئۈمىد قىلىمەنكى، ئەمدىلىكتە بۇنىڭدىن كېيىن يولىمىزنى داۋاملاشتۇرالايمىز» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - More than 4.5M people dead from wars since 9/11: Brown University
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
ئاقدېڭىزدىكى ئەڭ چوڭ مۇھىتنى قوغداش ھەرىكىتى فەتھىيەدە باشلاندى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياۋروپا چېمپىيونى بولغان تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنى تەبرىكلىدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى: غەززەنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشلىرىنى رەت قىلىمىز
تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنتىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى: «تارىخىي ھەقىقەتلەر بۇرمىلانماقتا»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم قالىن ئافىنادا كەسپدىشى بىلەن كۆرۈشتى
«تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىستراتېگىيەسى غەربتىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس»
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى دۇنيا ماگناتلىرى بىلەن رىقابەتلەشمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيە پۈتۈن دۇنيادا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان شاڭخەي باشلىقلار يىغىنىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى