نېپال ۋە خىتاينىڭ تىبەت رايونىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. نېپال ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئورگىنىنىڭ مەلۇماتىچە، نېپالدا 987 كىشى، تىبەتتە بولسا 16 كىشى ۋاپات بولغان، يەنە 4 مىڭ 462 كىشى يوقاپ كەتكەن بولۇپ، يوقاپ كەتكەنلەر ئارىسىدا ھىندىستان، ئامېرىكا، ئۇكرائىنا ۋە مالايشىيا قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ 583 پۇقراسى بار ئىكەن. بۇ پاجىئە ھىمالايا تاغلىرىدىكى بىر مۇزلۇقنىڭ ئاستىدىكى ئاساسىي تاش قاتلىمىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، بۇ ھادىسە 5.2 بال يەر تەۋرەشكە باراۋەر تەۋرىنىش پەيدا قىلغان. نۆۋەتتە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى يەتتىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى، ئەمما كەلكۈن نۇرغۇن كۆۋرۈك ۋە بىنالارنى ئېقىتىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن قۇتقۇزۇش خىزمىتى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە.
تەۋسىيە




















