پاكىستان پرېزىدېنتى ئاسىف ئەلى زەردارى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قارارنامىگە ئىمزا قويدى.
پرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ يەكشەنبە كۈنى X ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، زەردارىنىڭ باش مىنىستىر شاھباز شەرىف تەرىپىدىن پاكىستان ئاساسىي قانۇنىنىڭ 232- ۋە 234-ماددىلىرى دائىرىسىدە سۇنۇلغان تەكلىپنى تەستىقلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، مەزكۇر قارارنىڭ فېدېراتسىيە كابىنېتى ۋە باش مىنىستىرنىڭ تەۋسىيەلىرى، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ئاممىۋى تەرتىپ ۋە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە ئائىت دوكلاتلىرى ھەمدە ھۆكۈمەت ھەيئەتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشىنىڭ ئارقىدىن ئېلىنغانلىقى تەكىتلەندى.
«پاكىستان رادىيوسى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قانۇن ۋە ئەدلىيە مىنىستىرى ئەزەم نەزىر تىرار ئۆلكە باش مىنىستىرى ئىلگىرى ئىشلەتكەن ھوقۇقلارنىڭ ۋالىيغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
تىرار ۋالىيغنىڭ نازارىتى ئاستىدا خىزمەت قىلىدىغان ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىدىغان 11 ئەزالىق بىر مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.
مىنىستىر يەنە، خەيبەر پاختۇنخۋانىڭ بىۋاسىتە فېدېراتسىيە باشقۇرۇشى ئاستىغا ئېلىنىدىغان 12 ناھىيەسىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ۋالىي ۋە ئۆلكە باش كاتىپىغا قارايدىغان ئايرىم بىر كاتىبات باشقارمىسى قۇرۇلغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.
يەرلىك «Dawn» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئۆلكە باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىگە مۇھەممەد فاھر ئالەم ئىرفاننى تەيىنلىگەن بولۇپ، مەزكۇر تەيىنلەشنىڭ دەرھال كۈچكە ئىگە بولغانلىقى ۋە يېڭى بىر قارار ئېلىنغۇچە داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تىرار، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ 245-ماددىسى دائىرىسىدە، ئاممىۋى تەرتىپ ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش جەھەتتە خەيبەر پاختۇنخۋا ۋالىيسىغا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن پاكىستان ئارمىيەسىگە قاراشلىق قىسىملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغىمۇ يوليورۇق بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئافغانىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسى، سابىق باش مىنىستىر ئىمران خان رەھبەرلىكىدىكى پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتى (PTI) تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان ئىدى.
























